.ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك دوستلار!
تۈركىيە رادىئو- تېلىۋىزىيە ئىدارىسى بىلەن جۇڭگۇ تەرەپنىڭ كېلىشىم تۈزىشى ئارقىسىدا، مۇشۇ ئاينىڭ 26 – كۈنىدىن باشلاپ، ‹تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى- ئۇيغۇر ئاڭلىتىشى› رەسمىي باشلاندى. بۇ ئاڭلىتىشنى
ھەر كۈنى ئەنقەرە ۋاقتى ئەتتىگەن سائەت 3:00، ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتتىگەن سائەت 7:00 دە، تۈركسات ئا 2 سۇنئىي ھەمراھى ئارقىلىق 11919 مىگا گېرتىس، ھوتبېرد 6 سۈنئىي ھەمراھى ئارقىلىق 10971 مىگا گېرتىس، ئوپتۇس د 2 سۈنئىي ھەمراھى ئارقىلىق 12644 ياكى 12706 مىگا گېرتىس، تۈركسات ئىچ سۈنئىي ھەمراھى ئارقىلىق 11581 گىگا گېرتىس، تايكوم 5 سۈنئىي ھەمراھى ئارقىلىق 3551 گىگا گېرتىس، گالاكسىي 25 سۈنئىي ھەمراھى ئارقىلىق 11966 گىگا گېرتىس ۋە تۈركسات 3 ئا سۈنئىي ھەمراھى ئارقىلىق 11094 مىگا گېرتىس چاستوتىلىرىدا ۋە تۈركىيە رادىئو – تېلىۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ تور بېتى www.trt.net.tr ئارقىلىق نەق مەيداندىن ئاڭلىيالايسىلەر. بۇ ئاڭلىتىشنىڭ تەكرارىنى ئەنقەرە ۋاقتى ئەتتىگەن سائەت 6:30، ئۈرۈمچى ۋاقتى 10:30 يوقىرىقى چاستوتىلاردا ئاڭلىغىلى بولىدىكەن. مەنمۇ ئاڭلاپ باقتىم، خېلى ياخشى پروگراممىلىرى باركەن، ئاڭلاپ بېقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن
——تىما مەنبەسى: Web شەيدا تورى [www.webxayda.cN]ئەسلى ئادرىسى::http://www.webxayda.cn/bbs/viewthread.php?tid=278&fromuid=0
13 Mart 2009 Cuma
Kaydol:
Kayıt Yorumları (Atom)
HAZIR TORDA (online) KISHI BAR
DİNİ HET WE RESİMLER
İLAN
Hakkımda
- uygur group ilan bölümi
- helkara, asya, Türkiye
- bu tor betining siyaset bilen ket_i alakısı yok
Hiç yorum yok:
Yorum Gönder